ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە مۇھىم قەدەملەرنى باسماقتا
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئورگىنى (ئۇفلپا) خىتايدىن كەلگەن پولات-تۆمۈر، مىس، لىتىي، خورما قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇ ساھەلەر خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن يەر ئالغان.
