ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر زاپچاسلارنى تەكشۈرمەكتە
«شەرقىي تۈرتكىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن» دېگەن گۇمان بىلەن، ئامېرىكانىڭ تاموجنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا بىنائەن بوستوندىكى MBTA پويىز ۋاگونلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى، ئامېرىكا پۇخرالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەد قىلغان.