ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا، پەن ۋە قاتناش كومىتېتىتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى Ted Cruz لار تەرىپىدىن سۇنۇلغان «S.Res.677» نومۇرلۇق قارار كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.
شۇنداقلا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ھەمدە پارلامېنت ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن Chris Smith تەرىپىدىن سۇنۇلغان «H.Res.1259» نومۇرلۇق قارارمۇ ماقۇللاندى.
بۇ ئىككى قارار، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئىگە چىقىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://campaignforuyghurs.org/campaign-for-uyghurs-welcomes-unanimous-house-and-senate-passage-of-resolutions-urging-the-release-of-political-prisoners/?fbclid=IwY2xjawRzwIJleHRuA2FlbQIxMABicmlkETFVd3VSeXlvRXV3TU9WZXNyc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHm1Jpbffxjbrtsfznrp5U2IwEBhsPiEbo-HgyBVTdETAclIT5_dEYfPhIVi5_aem_qcpyZx5ZHrhmNAkb7s-LuA