ئامېرىكانىڭ يېڭى دوكلاتىدا: خىتاينىڭ ب د ت دىكى سۈيقەستلىك ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ب د ت غا بېرىلىدىغان پۇلنى كېچىكتۈرۈش ياكى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق «مالىيە قوراللىرىنى» ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈشىگە ئارىلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىللىرى كۆرسىتىلدى. خىتاي ب د ت دا ئىشلەيدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن تەشكىلاتلار ئارقىلىق ب د ت نىڭ مەسلىھەتچىلىك قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ب د ت قائىدىلىرىنى ئىچكى تەرەپتىن ئۆزگەرتىشكە ۋە ب د ت نىڭ خىتاينىڭ مەنپىئەتىگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://chinaselectcommittee.house.gov/media/press-releases/new-investigation-uncovers-how-china-controls-money-personnel-and-troops-at-the-united-nations?fbclid=IwY2xjawQt8OpleHRuA2FlbQIxMABicmlkETBHYXpBMDluVGFiOXpOZkluc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHlOCJgEnMTaZiGE8iOg84UWDoffvjbAcei3Ygopx4IhZ6IYhPQSXLaXW-FPH_aem_3qDj9Jd_VqWPctMi6ucjbw