ئامېرىكادىكى ۋىسكونسىن تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شېرك بولغان

ئامېرىكادىكى Wisconsin–Madison تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شېرك بولغان
ئامېرىكادىكى «FreeBeacon» نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مادىسون تارمىقىدىكى تەتقىقاتچىلار يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەربىي ۋە نازارەت سىستېمىلىرى بىلەن ئىش بىرلىكىدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە ھەمكارلىقلار ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىرقىسمى تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەتتا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن.
ئامېرىكىدا ياشاپ تۇرۇپ ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئامېرىكادىن ئالغان مائاش بىلەن ئامېرىكا دۈشمىنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە شېرك بولۇش نەقەدەر ئۇياتسىزلىق!؟